باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا (11)

2013.11.11 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مائارىپى نۇرغۇنلىغان مىسلىسىز يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە قىيىنچلىققا يۈزلىنىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

  مائارىپ ‐‐ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى. مائارىپ ئىسلاھاتى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ ئىشەنچنى چىڭىتىدۇ.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات ئۇچۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىستېمىلىق چوڭقۇرلاشتى: جايلار شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن شۇ جايدا يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، «كۆچمە غۇنچىلار» تۇرۇشلۇق جايىدا ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىدا ئۈمىد بار؛ ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش سالاھىيىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، بىر ئادەمگە بىر نومۇر بېكىتىلىپ، ئۆمۈربويى ئۆزگەرتمەسلىك يولغا قويۇلدى؛ ئاسپىرانتلار مائارىپى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىلمىي ئۇنۋان ئاسپىرانتلىرى بىلەن كەسپىي ئۇنۋان ئاسپىرانتلىرىدىن ئايرىم ئىمتىھان ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ئون ماددىلىق بەلگىلىمە» مەخسۇس «ئوقۇغۇچىلار يۈكى»نى نىشانلىدى...

  يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى چىقىش قىلىنىپ، مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، تەڭ ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق بۆسۈش ئېغىزى چىڭ تۇتۇلۇپ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مائارىپ ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

  جاۋ ئېنا خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر