باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن

2013.11.22 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-نويابىردىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلىم خەزىنىسى «دۆلەتلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنى» ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلدىن 2013-يىلى ئوقۇش يىلىدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ئامېرىكا ئاسپىرانتلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى %21.4 ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 236 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، ئۈزلۈكسىز تۆت يىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

  ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى %7.2 ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 820 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى %28.7 نى ئىگىلىگەن.

  جۇڭگودىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن ھەمدە 2011-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشى چەكلەنگەن ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ زور نىسبەت بىلەن ئاشقان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا قارىغاندا، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئەمما نۆۋەتتە ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىنى تاللاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بەلگىلىك نىسبەتتە ئاشقان. جۇڭگو ئومۇمىي تەرتىپتە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە 10-ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر