باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

2013.11.22 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندايلى

  چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 21 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەز، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئومۇمىيەتلىك مۇھىم يىغىن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يۈزلىنىشى، نىشانى، مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي قانۇنىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشىمىز كېرەك. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسىي بازىسىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ تەشۋىقات، تەربىيە خىزمىتىنى پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىپ، مەدەنىيەتتە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مول، رەڭدار مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىشىمىز؛ ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسىدىكى جامائەت پىكرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىشىمىز؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جامائەت پىكرىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز؛ ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدىكى سەزگۈرلۈك ۋە ئوچۇقلۇق دەرىجىسىنى ساقلاپ، ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەشۋىقات، تەربىيە مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات، تەربىيەنىڭ بىرمۇبىر، يۈز تۇرا بولۇشى، ئىدىيەگە ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ زور تەشۋىقات ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، جەمئىيەتتىكى ئورۇنلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولىدىغان خىزمەت تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 11 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاياللار قۇرۇلتىيىدا ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئاياللارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى، رولى ۋە بۇرچى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يىتىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ ئومۇمىيەتكە، ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئۆز ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ‹‹قىلالايمەن›› دېگەن ئىدىيە ئارقىلىق ئىلھام بېرىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەملىيەتكە ئاتلىنىشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئاياللارغا جان – دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاققىچە مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزۈمى›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزۈمى››نى تۈزۈش پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم تەدبىر. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشنىڭ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز؛ ئىلمىي ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش دېگەن نېمە؟ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز؛ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىدە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل بىلىملەرنى ئىگىلەپ، نېمىلەرنى ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز؛ ماركسىزملىق نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىشنى ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلىنى دۇرۇسلاشنى ئىستىل ئۆزگەرتىش، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى ياخشىلاش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قانداق ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇش ئاساسنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر