باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى(1)

2013.11.20 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 12-نويابىر بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى يىغىنغا ناھايىتى دىققەت قىلدى ۋە ئىجابىي باھا بەردى، چەتئەللىك ئالىملار، ئەمەلدارلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرى، جۇڭگونىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىممەتلىق ئەڭگۈشتىرى.

  زامبىيە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە بانكىسىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل باشلىقى ماراما مۇنداق دېدى: 35 يىل ئىلگىرى جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش زور تەدبىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرىگە ئايلاندى. جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنىڭ يېڭى سىگنالىنى ياڭراتتى.

  چېخنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كرائوس مۇنداق دېدى: مەن ئۆتكەن 20 يىلدا چېخنىڭ باش مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنتى بولغان مەزگىلدە جۇڭگودا ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگوغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز ئېشىپ، نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر