باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن ئىش باشلىغان تۈرلەردە پىلان مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئورۇندالدى

2013.11.21 09:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭ شيۇلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 292 مىليارد 49 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 300 مىليارد يۈەنلىك يىللىق كۆزلىمە ۋەزىپەنىڭ %97.35ى ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 52 تۈردە ئىش باشلىنىپ، يىللىق يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان پىلان نىشانى 50 تۈرنىڭ %104ى ئورۇندىلىپ، پۈتۈن يىللىق يېڭىدىن ئىش باشلاش پىلانى مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن تاماملاندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ داۋاملىق كۆپەيدى. يىل بېشىدىكى ‹‹باھاردا ئىش باشلاش، ئەمەلىي ئىشلەپ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، جايلار، تارماقلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلىدى.

  292 مىليارد 49 مىليون يۈەن مەبلەغنىڭ ئىچىدە، يېڭىچە سانائەتلىشىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 119 مىليارد 808 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %41.02ىنى؛ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ تۈرىگە 34 مىليارد 218 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %11.72ىنى؛ ئۇل ئەسلىھە تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 133 مىليارد 198 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %45.6ىنى ئىگىلىدى. ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرى، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 4 مىليارد 825 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %1.65ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر