باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى (1)

2013.11.21 09:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورتاق تونۇشقا كېلىپ يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلاردا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك شەكىللەردە دەرھال ئۆگىنىش يىغىنلىرى تەشكىللىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆز يېرى، ئۆز تارمىقىنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. كۆپچىلىك ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇپ، ياخشى ھەم ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى دەرھال مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىغىن روھى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ ئىسلاھ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 18 – نويابىر دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، مەركەز، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتى توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى تەلىپى، يېڭى تەدبىرىنى پائال تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قوش رەھبەرلىكنى يۈرگۈزۈشىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتكومنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشىدىكى سوبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر