باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەتچى خادىم 4Gلىق تورنىڭ مۇشۇ ئاي ئاخىرىدىن باشلاپ تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.11.19 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4Gلىق تورنىڭ قايسى ۋاقىتتا تارقىتىلىدىغانلىقى تاراتقۇ ۋە كەسپىي خادىملار ئۈچۈن بىمەنە تېپىشماققا ئوخشاش بولۇپ قالغاندا، 4Gلىق تورنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بىلدۈرۈلدى.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى 4Gلىق تورغا ئالاقىدار ئورۇن باشقىچىلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، مۇھىم مەزمۇن بەلكىم مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەلىشىشىدىكى ئالاقىدار خادىمدىن ئىسپات تەلەپ قىلشى بىلەن بۇ مەسئول خادىم مۇخبىرغا 4Gلىق تورنىڭ قايسى ۋاقىتتا تارقىتىلىدىغانلىقىنى پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەتلا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىن قىلىپ بولغانلىقىنى، بىراق 4Gلىق تورنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا تارقىتىلىش ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

  

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر