باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈرلەرگە 292 مىليارد 49 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2013.11.21 09:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈرلەرگە جەمئىي 292 مىليارد 49 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋە ۋەزىپە ھېسابلانغان 300 مىليارد يۈەننىڭ % 97.35 ى تاماملانغان ، قەرەللىك پىلاننىڭ % 108 ى تاماملىنىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 44.6 ئاشقان . مۇخبىرنىڭ 18-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايون بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق مۇقىم ئېشىش ھالىتىدە ساقلىغان .

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تاماملانغان نۇقتىلىق تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغلەر ئىچىدە ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تۈرلىرىگە جەمئىي 119 مىليارد 808 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، % 41.02 نى ئىگىلىگەن ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تۈرلىرىگە جەمئىي 34 مىليارد 318 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، % 11.7 نى ئىگىلىگەن ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە جەمئىي 133 مىليارد 198 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، % 45.6 نى ئىگىلىگەن ، ئېكولوگىيە ، مۇھىت ئاسراش ۋە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرلىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە جەمئىي تۆت مىليارد 825 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، % 1.65 نى ئىگىلىگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، 60 يەككە نۇقتىلىق تۈر بولۇپ ، 163 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان .

  نۆۋەتتە ، شىنجاڭ ‹‹مېيكې›› خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ 2-قارارلىق يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننىلىق 1، 4-بۇتاندىئول تۈرى ، شىنجاڭ شەھەر مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىدا ياپونىيە ‹‹شيېلى›› بانكىسىنىڭ قەرزىدىن پايدىلىنىش تۈرى ، ‹‹خۇڭيەن ›› سۇ ئامبىرىنىڭ ئامبار ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرى ، ئالاتاۋ ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون تۈرى ، قومۇل يۈك پويىزى جەنۇبىي ئايلانما لىنىيەسى ، قومۇل-لوپنۇر تۆمۈريولى ، دۆلەتلىك تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئىلى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىستانسىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ، ‹‹شېنخۇا›› ۋۇسەيۋەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىستانسىسى ، 750 كىلوۋولتلۇق سۇمۇرغ-شىخۇ-ئىلى توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئاساسىي تور ، بىرلەشمە تورى 750 كىلوۋولتلۇق 2-تونېل قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر ئامبىرى ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2-قارارلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىستانسىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى قايدۇ دەرياسى لياۋشۇگو سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق 18 تۈرنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ سېلىش ئەمەلىيلەشكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر