باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك پائالىيەت››نى ۋاسىتە قىلىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇردى (1)

چېن چېن

2013.11.21 09:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىندى

  - خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىنىڭ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدا

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 6 – ئايدا ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆز جايىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش››، ‹‹كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش››، ‹‹ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى›› قاتارلىق خىزمەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قانۇن، پەن – تېخنىكا، مېھىر – مۇھەببەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇشقا، دىنىي رادىكال ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشىغا، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىلمىي روھ، قانۇن ئېڭى ۋە زامانىۋى ئېقىمنى تەشەببۇس قىلدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم قانات يايدۇرغان پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە قانۇن، قانۇن – نىزاملارنى ئۆگىنىش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. ئۇلار زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك پائالىيەت››نى ۋاسىتە قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇردى.

  تېگى – تەكتى ئېنىق، تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك بولغان تەكشۈرۈش دوكلاتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى. 14 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 2241 ياشنى ئوبيېكت قىلىپ، 2000 پارچىدىن ئارتۇق سوئال – جاۋابلىق تەكشۈرۈش قەغىزى تارقىتىپ، ‹‹خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى ۋە ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى››نى بارلىققا كەلتۈردى؛ دىننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مەخسۇس تەكشۈردى. 16 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان 206 ياش بىلەن سۆھبەتلىشىپ، 32 تۈرلۈك مەسىلىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ‹‹خوتەن ۋىلايىتىدە دىننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى››نى يېزىپ چىقتى؛ قانۇنسىز تەپسىر ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان 722 ياش – ئۆسمۈردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ‹‹خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى››نى تۈزدى؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيە ئەھۋالىنى تەكشۈردى، 7800 پارچە سوئال – جاۋاب قەغىزى تارقاتتى، 380 ياش، ئۆسمۈر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ‹‹خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى››ۋە ‹‹ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، پائالىيەت ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى››نى يېزىپ چىقتى؛ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 80 –، 90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سىستېمىلىق ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئۇلارنى تۈرلەر بويىچە يېتەكلەشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› بويىچە سىياسەت، قانۇن – نىزام لېكسىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات – چۈشەندۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، 33 مەيدان/قېتىم تەشۋىقات – چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى، پائالىيەتكە 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى 148 مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 147 مەيدان/قېتىم لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭغا 57 مىڭ كىشى قاتناشتى، 27 مەيدان/قېتىم ھال سوراش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 8916 پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى، 4565 كىشىنى زىيارەت قىلدى.

  مەكتەپلەرنىڭ ئىتتىپاق ئەترىتى كادىرلىرى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا 125 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، قاتناشقۇچىلار 27 مىڭ كىشىگە يەتتى؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقان 600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يېزىلارغا لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتتى، ئۇلار 90 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، 40 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى، بۇنىڭدىن 15 مىڭ ئامما نەپكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5 – قانال ‹‹مەدەنىيەت بوستانى››نىڭ رىياسەتچىسىنى تەكلىپ قىلىپ، خوتەندە بەش مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، قاتناشقۇچىلار 3000 ئادەمدىن ئاشتى.

  ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى سېنارىيە يېزىپ، خوتەن مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەشكىللەپ، تۆت مەيدان ئېتۇت تەييارلاپ، ئۇنى يېزا – بازارلاردا سەييارە ئورۇنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ ‹‹ئەقىل يۇلتۇزى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇكاپاتلىق سوئال – جاۋاب شەكلىدە يەرلىكتىكى ياشلارنى سەھنىگە چىقىپ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تەشكىللىدى، ئاممىغا قانۇن، قانۇن – نىزاملارنى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ۋە مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.

  يېزا – كەنتلەردە تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل، مۇقىم قانات يايدۇردى. ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ياشلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىش، ياشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش مەقسىتىدە، خوتەن ‹‹ياشلار لوڭقىسى›› VBA يېزا – كەنتلەر ئارا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇنى ۋىلايەتتىكى 52 يېزا – بازاردا قانات يايدۇردى، مۇسابىقىگە 1268 ۋاسكېتبول كوماندىسى قاتناشتى، 1400 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر