باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرايلى

نۇرىمان ھىمىت

2013.11.21 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ گۈزەل تۇپراقنى ئەقىل – پاراسىتىمىز بىلەن قوغدايلى

  ‹‹جامنى يەنە تولدۇرۇپ گۈپ قىلىپ ئىچكىن قېنى، ئۆتسەڭ ياڭگۇەن غەربىگە يوقتۇر ئۈلپەت بىقىياس››.

  كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭ ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ قەد كۆتۈرگەن، بىپايان قۇملۇق ئوراپ تۇرغان، نەغمە – ناۋالار ياڭراپ تۇرغان سىرلىق ماكان ھېسابلىنىدۇ، ھالبۇكى، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، رەت – رەت سېلىنغان ئېگىز بىنالار، قىياپىتى يېڭىلىنىۋاتقان يېزىلار، ھەممە يەرگە تۇتاشقان تاشيوللار شىنجاڭغا كېلىپ باققان كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.

  ھالبۇكى، بىزنىڭ بۇ گۈزەل يۇرتىمىزدا پات – پات ئىناقسىزلىق كەيپىياتى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قوللىشىدا تىنچ، خاتىرجەم، ئىتتىپاق تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تۈرلۈك ۋاسىتە بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ۋىجدانلىق شىنجاڭلىق بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ھەر بىر شىنجاڭلىق كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، ھەق – ناھەقنى توغرا ئايرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى. ھەر مىللەت خەلق نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق ئېچىپ ۋە ئورتاق قوغداپ، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بۇ بىپايان، باياشات زېمىننى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت شەكىللەندۈردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى قاچان ياخشىلانسا، جەمئىيەت شۇ چاغدا مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان؛ ئەكسىچە بولغاندا، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەختلىك تۇرمۇشى كاپالەتتىن مەھرۇم قالغان، خەلق بالا – قازاغا ئۇچرىغان. شۇڭا ھەر مىللەت قېرىنداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا قوللاپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىشىپ، ئىناق بىللە ياشاپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ھەمنەپەس، تەغدىرداش، قەلبداش سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ تارىخ مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، بۇ تارىخ ھەممە مىللەت چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان، بىرلىكتە جاپالىق كۈرەش قىلغان، چېگرا رايوننى بىرلىكتە ئېچىپ، بىرلىكتە قۇرغان، چېگرىنى ئورتاق قوغدىغان تارىختۇر. ھايات – ماماتتا بىللە بولۇش، قەلبداش بولۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورنىتىشنىڭ تارىخ ئاساسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى كونا جەمئىيەتتىكى مىللىي زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئىگە بولدى.

  مەدەنىيەت مىللەتنىڭ تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى باغچىسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تارىخىي ئاساس سالغان. ھالبۇكى، مەدەنىيەتنىڭ شاللىنىش جەريانى بولىدۇ، كونىسىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىسىنى قوبۇل قىلىش مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ چىن مەنىسىدۇر، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ۋە بىلىمىگە سىڭىشىدۇ. ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغانلار چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئالغا باسىدۇ؛ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بىر مىللەت شەك – شۈبھىسىزكى نادانلىق ۋە قالاقلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ؛ بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرلىشىش تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت كۆپ خىللاشقان دەۋردە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈزلۈكسىز دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى شەيئىي، يېڭى بىلىم، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئىلغار تاشقى مەدەنىيەتنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  مەن بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى، كىشىلىك ھايات يولۇمدىكى ھەر بىر تامچە ئوزۇق ۋە ھەر بىر قەدەم ئىلگىرلەشنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. دۆلەت بىزنى تەربىيەلىدى، خەلق بىزگە موھتاج، قۇرۇلۇش بىزگە مۇھتاج. شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى، ئىناقلىقى بىزگە تېخىمۇ موھتاج. بىز ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئۆزىمىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىشىمىز، ھەقىقىي قىزغىنلىق ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاددى خىزمەت ئورنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ بىر ئۈلۈش كۈچىنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  بىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، گۈزەل ماكانىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىمىز لازىم. (ئاپتور: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدىيەۋى – سىياسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر