باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز تەشۋىقات-چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2013.11.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇھىم يول يورۇق بەردى
  ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز تەشۋىقات-چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 19-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز تەشۋىقات-چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنى تەشكىللەش ــــ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئەمەلىيەتكە باغلاش، تەتقىق-ئانالىز قىلىش، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، تولۇق، ئەتراپلىق، ھەقىقىي سۆزلەشكە تىرىشىش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەتراپلىق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەملىشىش، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆزلەشتۈرۈش بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادەمگە، ماتېرىيالغا، ئەھۋالغا قاراپ تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يىغىن روھى ۋە مەركەزنىڭ تەلىپىگە قارىتىپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك، ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. )نى گۇاڭخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر