باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، 40 ياش ئۆپچۆرىسىدىكىلەر «بەس-بەستە بالىلىق بولۇش» نى ئويلايدىكەن

2013.11.19 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ۋە خەلق گېزىتى قانۇنىي ئىگىسىنىڭ مىكرو بلوگىدىكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» يولغا قويۇلسا، 40 ياش ئۆپچۆرىسىدىكىلەر «بەس-بەستە بالىلىق بولۇش»نى ئويلايدىكەن

  18-نويابىر خەلق گېزىتى خەلق تورىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ۋە خەلق تورىنىڭ قانۇنىي ئىگە مىكرو بلوگى بىلەن بىرلىكتە «يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر»نىڭ (بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بىرسى يالغۇر پەرزەنتلىك ئائىلىدىن بولسا) پەرزەنتلىك بولۇش خاھىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 19-نويابر سائەت نۆلگىچە 6729 كىشى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك زىيارەت قىلىنغۇچى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 20 ياشتىن 30 ياشقىچە، 30 ياشتىن 40 ياشقىچە ۋە 40 ياشتىن يۇقىرى ياش بۆلىكى بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %47.76، %51.95 ۋە %52.23 بولغان. ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغانلار ئىچىدە، «سىياسەت يولغا قويۇلسىلا پەرزەنتلىك بولۇش»نى تاللىغۇچى ئۈچ خىل ياش بۆلىكىدىكىلەر نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18.63، %59.74، %75.95 بولغان.

   نىسپىي ئېيتقاندا، ئوقۇش تارىخى قانچىكى يۇقىرى بولغانلار ئىككى پەرزەتلىك بولۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان ھەم «بىر قانچە يىلدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇش»قا تېخىمۇ مايىللىقىنى بىلدۈرگەن. (لى شياۋخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر