باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە

2013.11.19 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرقانچە زور مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارار»دا: ھۆكۈمەت فۇنكىسيەسىدە ئەمەلىي بۇرۇلۇش ياساپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.ئىستانسىمىز مۇخبىرى بۇ ھەقتە مەركەز ئورگانلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېڭنى زىيارەت قىلدى.

  ۋاڭ فېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ــ- ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئورگانىك تەركىۋىي قىسمى، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قېلىپقا قويۇپ پىلانلاش كېرەك، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ــ ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش، مۇھىم نۇقتىسى ــ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى باشقۇرۇش فۇنكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش.

  ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەت بازار رول ئوينىيالايدىغان ئىشلارنى بىردەك بازارغا بېرىپ، ئارلاشماي، ھۆكۈمەتنىڭ دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلارنى قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، ھازىرغىچە گوۋۇيۈەن 334 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇدى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈردى، ئاچقۇچلۇق مەسىلە ــ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان تەستىق ئىشلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  قاراردا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرلەر بويىچە ئىسلاھ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم، ۋاڭ فېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە گوۋۇيۈەن تارماقلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئومۇمەن ئورۇنلىنىپ بولغان، يەرلىكمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.

  قاراردا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپپاراتلار ئىشتاتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، بەلگىلىمىدىكى سان بويىچە رەھبىرىي كادىرلارنى سەپلەش، ئاپپارات سانى ۋە رەھبەرلىك ئورنىنى ئازايتىپ، مالىيەدىن باقىدىغانلارنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش لازىم، ئۈچتە قاتتىق بولۇشنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم؟ ۋاڭ فېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرىنچى ئومۇمىي ساننى كونترول قىلىپ، سانىنى ھېسابلاپ چىقىش لازىم، ئىككىنچى، ئاپپارات ئىشتاتى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش لازىم، ئۈچىنچى، نازارەت، تەكشۈرۈش ۋە جازالاش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر