باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 3-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە باج- ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى

ئۆي-جاي بېجى: سودا ھالقىلىرىنىڭ باج پۇلىنى ئازايتىش، ئۆي-زېمىن ئىگەللەش ھالقىلىرىنىڭ باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش (نوپۇزلۇق سۆھبەت . پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2013.11.21 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر: باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنۈلۈشى قانداق، بۇنىڭدا قانداق مۇھىم تەدبىرلەر بار؟

  لۇ جىۋېي (مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى): ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنۈلۈشى، «بەش قۇرۇلۇشنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ماكرولۇق باجنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى مۇقىملىقىنى ساقلىغان ئاساستا، بېجىنىڭ مالىيە كىرىمى توپلاش، تەقسىماتنى تەڭشەش، قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە بازارنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە پايدىلىق بولغان باج تۈزۈمى سىسىتېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە، تېخىمۇ زور دائىرىدە جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، كەسپى تەرەققىياتى قانۇنىيىتىگە، قېلىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمال تىپىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، تەكرار باج ئېلىش مەسىلىسىنى يوقىتىش؛ ئىستېمال بېجى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسى، ھالقىسى ۋە باج نىسبىتىنى تەڭشەش، بىر قىسىم بايلىق تۈرىدىكى مەھسۇلات ۋە ئالىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئىستېمال بېجىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش، قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3-ئومۇمىي يىغىندا يەنە بىۋاسىتە باج سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر تەرەپتىن تەبىئىي بايلىق ئامىلىدىن باج ئېلىپ، بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش يانداش تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال شەخسىيەلەر تاپاۋەت بېجى بىلەن تۈرگە ئايرىلغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن سەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادىللىقنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. ئۆي-زېمىن بېجىغا دائىر قانۇن چىقىرىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۆي-زېمىن قۇرۇلۇشى ۋە سودىسى ھالقىلىرىدىكى باج-ھەقنى ئازايتىش، ھەقنى ئېنىقلاش- باج تۇرغۇزۇش، ئۆي-زېمىن ئىگەللەش ھالقىلىرىدىكى باجنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  باج ئېتىبار سىياسىتىنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشمۇ، 3-ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن مۇھىم ۋەزىپە. بازار ئىگىلىكى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ئىگىلىك، باج ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق، بەك قالايمىقان بولۇپ كېتىشى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باج سېلىقىنى ئادىل قىلىش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باج ئېتىبارى بولۇپمۇ رايونلۇق باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېتىبار سىياسەتلىرىنى، مۇددەت، چەك بەلگىلەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بۇندىن كېيىن ئەمدى يېڭى يوچۇق ئاشماسلىق كېرەك. رايون تەرەققىيات پىلانى بىلەن باج ئېتىبار سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بۇندىن كېيىن پىرىنسىپ جەھەتتىن يېڭىدىن رايون باج ئېتىبار سىياسىتىنى چىقارماسلىق، باج ئېتىبار سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باج قانۇن-نىزاملىرىدا مەخسۇس بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوقۇقتىن ھالقىپ باجنى ئازايتىىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر