باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىندى

2013.11.23 07:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ، يىزۇ ۋە جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنزۇچە نۇسخىسى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن، يىزۇچە نۇسخىسى سىچۇەن مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن، جۇاڭزۇچە نۇسخىسى گۇاڭشى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، ھەمدە مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  مىللەتلەر نەشرىياتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججەتلىرى»، «‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›نى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» ۋە «پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹قارارى›توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابلارنى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ تىللىرىدا نەشر قىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر