باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھۆكۈمەت پۇلىغا پوجاڭزا، چاغانلىق سوۋغات سېتىۋېلىش ۋە تەقدىم قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2013.11.23 06:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا پوجاڭزا قاتارلىق سوۋغات سېتىۋېلىش ۋە تەقدىم قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى يىل ۋە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەركەزنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھى ۋە «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بايرامدا ھۆكۈمەت پۇلىغا بايراملىق سوۋغات ئېلىش ھادىسىسى يامراپ، ناتوغرا ئىستىللار ئاسان، كۆپ يۈز بېرىپ، كەڭ خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاۋاتىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا پوجاڭز، تاماكا، گۈل، يېمەكلىك قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشى (قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ھال سوراش بۇنىڭ سىرتىدا) قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار خىراجەتنى ئارتىپ قويۇش ۋە چېچىشقا رۇخسەت قىلماسلىق، ھۆكۈمەت پۇلىدىن ئاتچوت قىلىپ بەرمەسلىك كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر