باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش لازىم

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى

2013.11.23 07:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «قارار» دېيىلىدۇ) دا «مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. گېزىتىمىز مۇخبىرى يېقىندا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مەدەنىيەت مىنىستىرى سەي ۋۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  مۇخبىر: مەدەنىيەتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا، ئومۇمىي يىغىندا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش لازىم، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «بېجىرىش»تىن «باشقۇرۇش»قا ئۆتۈش چوڭ بىر ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام، مەدەنىيەت تارماقلىرى بۇ خىل ئۆزگەرتىشنى قانداق تاماملايدۇ؟

  سەي ۋۇ: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ‐‐ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى، باشقۇرۇش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەدەنىيەت تارماقلىرى تۇتىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىپ، جەمئىيەتكە تاپشۇرىمىز. ھازىر ھۆكۈمەت بېجىرىۋاتقان بەزى ئىشلارنى كېيىنچە مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى، ئۆمەكلەرنىڭ بېجىرىشىگە ئېلىشىغا تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

  تۈزۈلمىسنى ئۆزگەرتكەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇكەممەل زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىمكانقەدەر تېزلىكتە لاياقەتلىك بازار سۇبيېكتىغا ئايلىنىپ، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ساقلاپ قىلىنغان ئاز بىر قىسىم كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ۋە توختام تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، ئىچكى تەقسىمات تۈزۈمىدە خىزمەت ئورنى ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويۇشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى لازىم. بۇ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر، ئەسلىدىكى شەكلى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنسا ھاياتىي كۈچتىن مەھرۇم قالىدۇ.

  (جاڭ خې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر