20، 21-نويابىر كۈنلىرى ، ئىلى كەڭساي رايونىدا ئۇدا قاتتىق قار يېغىپ ، سايرام–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قار يىغىلىپ قالدى ، تاشيول تارماقلىرى گەرچە ئۆز ۋاقتىدا قار تازىلاش ماشىنىلىرىنى ئەۋەتىپ يول يۈزىدىكى قارلارنى تازىلىغان بولسىمۇ ، يول يۈزى بەك تېيىلغاق بولغاچقا ، نۇرغۇن ئاپتوموبىللار يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالدى ، ھەتتە بەزى يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەردى .
يېڭىدىن ياسالغان كەڭساي چارۋا يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن مەخسۇس چارۋا كۆچۈرۈش لىنىيەسى . 21-نويابىر ، گەرچە قار قېلىن بولسىمۇ ، تەخمىنەن 30 پادا ، 10 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا بۇ لىنىيە ئارقىلىق كەڭسايدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى .