باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى مۇسابىقىسى باشلاندى

2013.11.22 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خې جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە گېزىتىمىزنىڭ تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى سەھىپىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹‹ياشلىق ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىش›› جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى مۇسابىقىسى 15 – نويابىر باشلاندى، بۇ مۇسابىقىدە ئىجادىي جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرى، ياردەم بېرىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرى ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدۇ. شەخسلەر، ئورۇنلار ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەۋسىيە قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەممە تۈرگە ‹‹شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى تەرەققىيات فوندى››دىن 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ياردەم مەبلىغى بېرىلىدۇ.

  ئائىلىڭىزدە ئىئانە قىلغۇدەك نىمكەش بۇيۇم بولسا، ‹‹مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش›› جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىدۇ؛ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئارتۇقچە ئويۇنچۇقلىرى بولسا، ‹‹تەڭرىتاغ لەيلىسى›› كوللېكتىپى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، تاغلىق رايوندىكى ئويۇنچۇققا موھتاج بالىلارغا ئاپىرىپ بېرىدۇ؛ مەھەللىلەردىكى تەنھا ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ‹‹بەخت›› خالىس مۇلازىمەت تەشكىلاتىنىڭ پىدائىيلىرىغا تاپشۇرساق، ئۇلار ھەپتە ئاخىرى ۋە ھېيت – بايرام كۈنلىرى ياشانغانلارغا ھەمراھ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى ياكى شىنجاڭدىكى ئەلئارا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش تەشكىلاتلىرى تەۋسىيە قىلغان ئىجادىي جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرىدۇر. مېھىر – شەپقەت يەتكۈزمەكچى بولسىڭىز، يەنە نېمىگە ئارىسالدى بولىسىز؟ بۇ قەھرىتان قىشتا بىز بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

  بۇ مۇسابىقە ئاجىز كىشىلەرگە مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي ئەخلاق، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. باھالاشقا سۇنۇلىدىغان تۈرلەر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈسىگە، ئىجادىيلىققا، قوللىنىشچانلىققا، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشى، جامائەت پاراۋانلىقى نىشانى ئېنىق بولۇشى، پايدا – مەنپەئەتتىن مۇستەسنا بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتەلەيدىغان ياكى ھەل قىلىدىغان بولۇشى، تۈر لايىھەسىدە ئىنسانىي غەمخورلۇق گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر جانلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنىدىغان بولۇشى، تۈر يول قويۇلغاندا ئىجتىمائىي بايلىقلار، مەسىلەن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر، جەمئىيەت (كارخانا ۋە خۇسۇسىيلار) ھەمتۈرتكە ئەندىزىسى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  مۇسابىقە ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ، 11 – ئاي قوبۇل قىلىش باسقۇچى، 12 – ئاي باھالاش باسقۇچى بولىدۇ. مۇسابىقىگە تەۋسىيە قىلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ لايىھەسى WORD، PPT ھۆججىتى شەكلىدە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىنىشى ھەم تۈر نامى، ئالاقىلەشكۈچىنىڭ ئىسمى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلىشى كېرەك.

  تىزىملىتىش تېلېفونى: 2819095 – 0991، 13079906414؛ ئېلخەت ئادرېسى: xjqnshzzgzb@163.com ؛ مۇسابىقىگە ئالاقىدار تەپسىلاتنى شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تور بېكىتى: http://www.xjgqt.cn ياكى تېڭشۈن، شىنلاڭ تورى بىلوگىدىن سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر