باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2013.11.22 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىمتىھان بەرگەنلەر 23–نويابىردىن باشلاپ توردا رەسمىي ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ

  ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى. ئىمتىھان بەرگەنلەر 23 – نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن 25 – نويابىر سائەت 16 گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn//:http)دا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئارزۇ ئىلگىرى تولدۇرغان ئارزۇ بىلەن ئۆگىنىش قاتلىمى، پەن تۈرى، تىل ئايرىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوخشاش بولۇشى كېرەككەن، تاللىغان مەكتەپ ياكى كەسىپ ئوخشاشمىسىمۇ بولىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچى رەسمىي ئارزۇ تولدۇرمىسا، ئىلگىرى تولدۇرغان ئارزۇ رەسمىي ئارزۇ، دەپ مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دېكابىردا باشلىنىدىكەن. مەسلىھەت سورايدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى (8752001 – 0991)غا تېلېفون بەرسە بولىدىكەن.

  چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە:

  مىللىي تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ، جۇڭگو تېبابىتى تۈرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 155؛ سەنئەت تۈرىنىڭ 105؛ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت تۈرىنىڭ 100؛ ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈرىنىڭ 100؛ قانۇنشۇناسلىق تۈرىنىڭ 110؛ مائارىپ تۈرىنىڭ 110؛ يېزا ئىگىلىك تۈرىنىڭ 105؛ مېدىسىنا تۈرىنىڭ .150

  مىللىي تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەخسۇس كۇرسقا ئۆرلىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ تۈرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 100؛ سەنئەت تۈرىنىڭ 75؛ تەنتەربىيە تۈرىنىڭ 75؛ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت تۈرىنىڭ .95

  موڭغۇل تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ نومۇر چېكى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ كونترول قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر