باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ «كۈندىلىك تېلىگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»دە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2013.11.25 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-نويابىر ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلىگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»دە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا تېخىمۇ يېقىن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن كەڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ ھەپتە بېيجىڭدە ئېچىلغان 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يىغىندا «جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقى 2020-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» ئېلان قىلىندى. جۇڭگو ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلاش جاكارلاندى، 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو ياۋروپا سودا سوممىسىنى 1 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئادەتتىكى نەتىجە ئەمەس. ئەمما بىزنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تامامەن ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار. بۇ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپانىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا خەلقىنىڭ دېققىتى ئاستىدا، ئالدىنقى ھەپتە يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارارى ماقۇللاندى. بۇ قارارلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپلا قالماستىن، جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان بايلىق مۇھىتى چەكلىمىسى، شەھەر يېزا رايونلىرى تەڭپۇڭ بولماسلىق قاتارلىق خىرىس ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ گۈللىنىش، جۇڭگو بىلەن دۇنيا مۇناسىۋىتىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرسا نوپۇسى 2 مىلياردتىن ئاشىدىغان جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلبىگە ئېرىشىش ھەمكارلىقىغا تارىخى پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. بىز بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەلقكە نەپ يەتكۈزەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر