باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندتىكى ئۆكتىچى پارتىيە باڭكوكتا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى

2013.11.25 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند سابىق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سۇتې تۈنۈگۈن بانكۇكتىكى دېموكراتىك خاتىرە مۇنارىغا يېقىن ئەتراپتا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

  سۇتې شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاندتىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىيانەتچىلىك چىرىكلىشىش ۋە جەمئىيەتتىكى بۆلگۈنچىلىك تاكسېن ھاكىمىيىتىنىڭ سەۋەبىدىن بولدى، شۇڭا تايلاند ھەقىقىي دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن بۇ ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىپ، يىڭلاك ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشى كېرەك. تەشكىللىگۈچى تەرەپ شۇ كۈنى كېچىچە يىغىلىش ئۆتكۈزىمىز ھەمدە 25-نويابىر ئەتىگەندە يوللارنى قامال قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نورمال ئىشقا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىمىز، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە يىڭلاكنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ توك ۋە سۇ يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىپ، يىڭلاك ھۆكۈمىتىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلايمىز دەپ تەھدىت سالدى.

  يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى كەچتە يىغىلغانلار 440 مىڭغا يەتكەن، سۇتې ئاخىرىدا 1 مىليون كىشىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما تايلاند بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يىغىلغانلار 100 مىڭغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر