باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرىغا قومانلىق قىلىش رولىنى ئوينىدى(1)

2013.11.25 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-نويابىر 21 تىك ئۇچار فىلىپپىنىڭ لېيتې قولتۇقىنىڭ دېڭىز رايونىدىكى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىياماتىكىسىدىن تەيفىڭ بورىنى سىلاۋۋون زەربە بەرگەن ئېغىر ئاپەت رايونى تاكلوبان ۋە باشقا ئاپەت رايونلىرىغا كېچىلەپ ئۇچتى. دۇنيا ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى 17-نويابىر ئاپەت رايونىغا بېرىپ، يېقىن ئارىلىقتىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىچە ئۇسۇلىنى ھېس قىلدى.

  ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان تاكلوبان ئايرودۇرۇمىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ C-130 بەلگىلىك توشۇغۇچى ئايروپىلانى ياكى MV-22 بەلگىلىك ئايروپىلانى ھەر يېرىم سائەتتە سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ تۇردى ياكى قوندى. ئۇلار ئالدىراش قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى چۈشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا مانىرا ياكى سېبۇغا توشۇدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى تەيفىڭ بورىنىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان تاكلوبان ئايرودۇرۇمىنىڭ قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى قىسمەن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇنىڭغا قىلچە تايانمىدى، ئەكىسچە ئۇلار مۇستەقىل ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى ھەمدە ئايرودۇرۇمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەپ، فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرىنى ئايرودۇرۇمنىڭ كىچىك بۆلىكىگە ئايرىپ قويدى. دۇنيا ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىدىن خەۋەر ئىگەللەپ، 16-نويابىرغىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى C-130 بەلگىلىك توشۇغۇچى ئايروپىلاندىن 10نى، MV-22 بەلگىلىك ئايروپىلاندىن 8نى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇغانلىقىنى، ئۇلار 186 قېتىم ئايروپىلان ئۇچۇپ، ئاپەت رايونىغا 174 مىڭ توننا جىددىي كېرەكلىك بويۇملار ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 1200 قۇتقۇزۇش ئەسكىرىنى توشۇغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2800 فىلىپپىنلىك ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە 109 ئامېرىكا پۇقراسىنى توشۇپ چىققانلىقىنى بىلدى.

  بۇ مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 1200 قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەسكىرى ۋە يېتىپ كەلمەكچى بولغان 1000 ئەسكەر ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 3-يىراققا يۈرۈش قىلىش بېرىگادىسىدىن ئىكەن. ئۇلارغا قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى، ئايروخوت، ئاپتوموبىل، كىران، گېنېراتور، بۇرغىلاش ماشىنىسى، سۇ ساندۇقى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن ئىكەن، ئاپەت رايونىغا بارىدىغان غول لىنىيەنى ئېچىش، يىراق چەت رايونلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ۋەزپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر