باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك مەدەنىيەت كۈچى بىلەن تەمىنلەندى

2013.11.25 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەتنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرۈش، زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان 8-نۆۋەتلىك بېيجىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە، مەدەنىيەت بىلەن پەن تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كۆپ ساھەنى چېگرا ھالقىپ بىرلەشتۈرۈش يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ جۇش ئورۇن راۋاجلىنىشىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ئورگانلارنى ئىخچاملاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ئەڭ زور ئالاھىدىلىك قىلىنغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتىن كەلدى؛ ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى مەملىكەتلىك نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تىزىملاش، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى تەستىقلاش قاتارلىق 21 تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى بىكار قىلدى؛ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تور مەدەنىيەت كارخانىلىرىغا مەزمۇنىنى ئۆزى قاراپ چىقىش ھوقۇقى بەردى، تور ئويۇنى ۋە تور مۇزىكىلىرى ئالدى بىلەن سىناق قىلىندى. بازار قىلىشقا تېگىشلىكلىرى بازارغا قويۇپ بېرىلدى، جەمئىيەت قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جەمئىيەتكە تاپشۇرۇپ بەردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار تارماقلار مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنى تېزلەتتى، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمىدا ئىلگىرىكى تىياتىرخانىدا ئويۇن قويۇشنى ئاساس قىلىشتىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېسىل دېكوراتسىيە ئۈنۈمىنى قوغلىشىدىغان بايراملىق كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، يەرلىكنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن بىزنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىمىز ئېچىۋېتىلدى، كۆپ قىسمى سىرتتا ئېلىپ بېرىلدى، ئامما يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشالايدىغان بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن ھەقسىز بولدى، مەيدان پائالىيەتلىرى، مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولدى.

  ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ بېيىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ؟ مەدەنىيەت مىنىستىرى سەي ۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامانىۋى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىرىنچى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بىر قەدەر ئاز بولۇش، تەمىنلەش يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. ئىككىنچى، بايلىق تەقسىماتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەل قىلىش. بۇ پەقەت نەتىجىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى پۇرسەت ۋە قاتنىشىش جەريانىنىڭ ھەممىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ پايدىسىدىن پۈتۈن ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتتە ئۈنۈم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يۈزەكى سىياسىي نەتىجىدىن ساقلىنىش، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  سەي ۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ لايىھەلەپ، ھەمدە بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىشى كېرەك.

  سەي ۋۇ مۇنداق دېدى: ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت قىلىش، قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، قانداق دەرىجىدە تەمىنلەش، قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر