باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەرنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستاندا 2024-يىلىغىچە تۇرىدۇ (1)

2013.11.25 10:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزايى 21-نويابىر: چەتئەللەرنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستاندا 2024-يىلىغىچە تۇرىدۇ، دېدى. ئافغانىستان 21-نويابىر بۈيۈك خەلق پارلامېنتى يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان «بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى»لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

  بۇ كېلىشىم لايىھەسىگە بىر بولۇپ قالدى، بۇ كېلىشىم بۈيۈك خەلق پارلامېنتى ئېچىلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ھاسىل قىلىندى. ئاساسلىق تالاش-تارتىش ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ يوق ، ئۇلار ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا ئافغانىستان پۇقرالىرى تۇرالغۇ رايونىغا ھۇجۇم قىلسا بولامدۇ يوق دېگەن مەسىلە بولدى.

  ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تورى ئېلان قىلغان كېلىشىم لايىھەسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئامېرىكا ھەربىيلىرى ۋە مەمۇرىي خادىملىرىغا ئەدلىيە جەھەتتە باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جازالاش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا ھەربىيلىرى ۋە مەمۇرىي خادىملار ئافغانىستاننىڭ قولغا ئېلىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىكەن.

  ئافغانىستان ئامېرىكىلىق ھۆددىگەرلەر ھەمدە ئۇلار ياللىغان خادىملارغا ئەدلىيە جەھەتتە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا، كېلىشىمدە، ئامېرىكىنىڭ بازا تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار بىرلەشمە قوراللىق ھەرىكەتلىرى مۇۋاپىق بولسا دېيىلگەن. لېكىن ئىككى تەرەپ قوشۇلمىسا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا ئۇرۇش قوزغىسا بولمايدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى ئافغانىستانلىق پۇقرالارغا، جۈملىدىن تۇرالغۇلارغا قارىتىلسا بولمايدىكەن.

  بۈيۈك خەلق پارلامېنتى يىغىنى 5 كۈن داۋاملىشىدۇ، ئەگەر كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللانسا، ئافغانىستان پارلامېنتىدا قاراپ چىقىلىدۇ ۋە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

  تەخمىنەن 2500 قەبىلە باشلىقى ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئەربابلار ۋەكىللىرى كابۇلدا بۈيۈك خەلق پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى. كارزايى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقا ۋەكىللەرنىڭ كېلىشىم لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئەسلىدە ئۇرۇش ئاياغلاشسا چەتئەل قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن چېكىشى كېرەك ئىدى، لېكىن تالىباننىڭ تەھدىتى تېخى تۈگىمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تالىباننىڭ جانلىنىش دەرىجىسى 2010-يىلىدىن بۇيان ئەڭ يېڭى سەۋىيەگە يەتكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر