باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى(1)

2013.11.25 11:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [قەدىمى يىپەك يولى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يىپەك يولىدىن قايتىدىن پايدىلىنىپ، مۇھىم كارىدۇرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. يېقىندا جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە يىپەك يولى پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئورۇن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تالىشىشنى باشلىدى.]

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 9-ئاينىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولۇشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆز ئارا تۇرتكە بولۇش سىرتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

  جامائەتچىلىك شى جىنپىڭنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان «خەلقنىڭ دوستلۇقىنى نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەل كېلەچەكنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدىكى مۇھىم نۇتقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغىنى قۇرۇش تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇنىڭدىن مەقسەت رايون ھالقىغان تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە گۈللىنىشكە تۇرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئافغانىستاننى مەركەز قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، تاشقى كاۋكاز قاتارلىق دۆلەتلەرنى ھەمدە موڭغۇلىيە ۋە جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى يىپەك يولى پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە بۇنى بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتىش ياكى ئاسىيا تىنچ ئوكياندا يەنە بىر قېتىم تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتەك ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان؛ رايون مەنپەئەت قېلىپىدا، رۇسىيەمۇ ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ رۇسىيىنىڭ 3-قېتىم دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشىشىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن، شۇنداقلا، رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ۋە كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن ئورنىتىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۆۋرۈكى قىلىندى.

  ئۇنداقدا، جۇڭگو ئوتتۇراغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ئوتتۇرغا قويغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا قانداق پەرق بار؟. جۇڭگونىڭ تارىخىتىكى يىپەك يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغىنىڭ قانداق يېڭى ئورنى بار؟.

  جۇڭگونىڭ قەدىمى يىپەك يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1. ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ. قەدىمى يىپەك يولى شىئەندىن باشلانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىن باشلىنىپ ياۋروپاغىچە سوزۇلدى. 2. ئۇنىڭ شەرتى ئوخشىمايدۇ. ھازىر ماشىنىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان دەۋر، يىپەك يولىدىكى قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى زامانىۋىلاشقان بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يولىدىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يىپەك يولى سىستېمىسى شەكىللەندى. 3. يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا. جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا غەربى رايونلارنى كەڭ دائىردە ئىچىش غەربكە يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى.

  ئامېرىكىمۇ، يېڭى يىپەك يولى پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى. جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا قانداق ئوخشىمايدىغان نۇقتىلار بار؟. ئامېرىكىنىڭ يېڭى يىپەك يولىدا ئافغانىستان مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇ تەدبىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئافغانىستان. بۇنىڭدا ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتى ئاساس قىلغان. ئامېرىكا ئوتتۇرغا قويغان پىلانىدا، ئامېرىكا ئافغانىستاننى ئۇرۇشتىن كىيىنكى قايتا قۇرۇشقا يېتەكچىلىكلا قىلىپ، پۇل چىقارمايدۇ، ئەمما ئافغانىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل ۋە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىغا ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر