باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دۇنيادىكى ياسمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىكتىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى

2013.11.25 11:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى تۈرلۈك مەبلەغنىڭ كەڭ دائىرىدە سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ سانائەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى مەملىكەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر جۇڭگو 220 خىلدىن ئارتۇق تاۋار بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە دۇنيادا 1- ئورۇندا تۇرىدۇ.

  2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 589مىليون 580مىڭ توننىغا يېتىپ، 1978-يىلغا قارىغاندا %93.5 ئېشىپ، 2004-يىلدىن بۇيان ئۇدا توققۇز يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئېلىمىزنىڭ دانلىق زىرائەت، گۆش، چىگىتلىك پاختا، يەر ياڭىقى، چاي، مېۋە مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۈردى، مول دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى دۇنيانىڭ بەشتىن بىرى نوپۇسىنى ئىگىلىگەن دۆلەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم -كېچەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن يەنە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  2010-يىلغا كەلگەندە، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ كۆپەيمە قىممىتىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.6كە يەتتى. نۆۋەتتە 22 خەلقئارا ئۆلچەملىك سانائەت چوڭ تۈرىدە ئېلىمىزنىڭ يەتتە چوڭ تۈرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە پولات-تۆمۈر، سېمونت، كۆمۈر، كىيىم -كېچەك، رەڭلىك تېلېۋىزور ، يانفون، ئاپتوموبىل قاتارلىق 220خىلدىن ئارتۇق سانائەت مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ «جۇڭگو ئىجادچانلىقى»غا بۇرۇلۇش ياساش جەريانىدا بىر تۈركۈم خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ كارخانىلار تېز سۈرئەتتە پىشىپ يېتىلدى. 2013-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن جەمئىي 89 كارخانا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيادا 2-ئورۇندا تۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ سىياسەت يېتەكچىلىكىدە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى داۋالاش دورىگەرلىك قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، قاتناش، سودا، پۇل-مۇئامىلە، ئۆي-مۈلۈك، تېلېگراف، يۇمشاق دېتال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت كەسىپمۇ تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %10تىن ئېشىپ، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. 35 يىل داۋامىدا جۇڭگو ئارقىدا قالغان يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن پىشىپ يېتىلىپ، دۇنيادىكى ياسمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىكتىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر