باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2013.11.21 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر كوللېكتىپىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلاردىكى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئىقتىدار، قەھرىمانلارچە جەڭ ئىستېلى، جان پىدا قىلىش روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  20-چېسلا تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، باش سىياسىي بۆلۈم، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى خەلق سارىيىدا دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر كوللېكتىپىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش بويىچە بىرلەشمە دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ دوكلات يىغىنىدىن بۇرۇن لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، شى جىنپىڭ ۋە ھەربىي كومىتېتتىكى باشقا رەھبەرلەرگە ۋاكالىتەن، لىكسىيە ئۆمىكىدىكى بارلىق يولداشلار، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسىدىكى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  (چيەن توڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر