باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن يەنە يادرو سىنىقى قىلىدىكەن

2013.11.21 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن يادرو سىنىقى مەيدانىغا كىرىدىغانغا ئېغىز ئاچتى، بۇ چاۋشيەننىڭ يەنە يادرو سىنىقى قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاۋشيەن ئارىلى مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورنى مۇنداق دەپ قارىغان: 27 – سېنتەبىر سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتكە قارىغاندا، فېڭشىلى يادرو تەجرىبە مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغان. چاۋشيەن تەجرىبە مەيدانىغا كىرىدىغانغا ئىككى ئېغىز ئاچقان. گەرچە، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا دەلىل ـ ئىسپات يېتەرلىك بولمىسىمۇ، بۇ ھەرىكەت ھېچبولمىغاندا چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

  بۇ تەتقىقات ئورنى مۇنداق دېگەن: تەجرىبە مەيدانىغا كىرىدىغان ئېغىز ئېچىش __ يادرو قورال ياساش پىلانىنىڭ بىر قىسمى. يەر ئاستىدا مەخپىي يادرو سىنىقى قىلىپ كېلىۋاتقان چاۋشيەن يادرو سىنىقى قىلىش ئۈچۈن يېڭى تونېل قازغان. چاۋشيەن ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىللارنىڭ تونېلغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ياكى ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن تونېلغا يەنە بىر كىرىش ئېغىزى ئاچقان بولۇشى مۇمكىن.

  چاۋشيەن 2006 ـ يىلى، 2009 – يىلى ۋە بۇ يىل فېۋرالدا ئۈچ قېتىم يادرو سىنىقى قىلىپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

  كىم جۇڭئېن چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا، ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كورېيەدىكى ئەسكىرىنى كۆپەيتكەن. ھازىر كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكىرى 30 مىڭغا يېقىنلاشتى.

  ئامېرىكىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يەنە چاۋشيەننىڭ نوڭبيوندىكى پلوتونىي رېئاكتورىنى رېمونت قىلغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ رېئاكتور چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى تېزلىتىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر