باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹مۇكاپات ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش›› تەك يېڭىچە تەدبىر قوللىنىپ، رەسمىي نەشرلىك يۇمتاللارنى قوللىدى

2013.11.21 09:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مايگۈل ئېيتغازىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتى گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى ئۇزاق ۋاقىتلىق خىزمەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ خىزمەتنى ئىشلەشتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارغا رەسمىي نەشرلىك يۇمتاللارنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يۇمتاللارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ‹‹مۇكاپات ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش›› تەدبىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئون ئاي بۇرۇن خىزمەتنى تاماملىغان. ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)مۇ شۇ دەرىجىلىكتىكى يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغان بولۇپ، تاماملاش نىسبىتى %86كە يەتكەن.

  يۇمتال كەسپى ئۇچۇر كەسپىنىڭ يادروسى، دۆلەت ئالدىن تەرەققىي قىلىشتىكى نېگىزلىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە باشلامچى كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، ئۆلكە، رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى (پارتگۇرۇپپا ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلىتىدىغان يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈشنى 2013 – يىلىدىن بۇرۇن تاماملاشنى تەلەپ قىلغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت – ئوبلاست – شەھەر، ناھىيە – شەھەر – رايون دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن ھەم 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تەقدىرلەش، ياردەم بېرىش مەبلىغى چىقىرىپ، رايون دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ تۈردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. مەملىكەت بويىچە ئۆزىگە خاس، ئاپتونوم رايون بويىچە رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ‹‹مۇكاپات ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش›› تەدبىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن.

  ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ئۈلگە تىكلەپ، ئومۇمنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئىشلىرى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار ئىشلىتىدىغان يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ۋىلايەت، ئوبلاست ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈم تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جايلارنىڭ رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇمتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى باھا بېرىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلىدى، دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر