باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 16 مىڭ 699 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2013.11.19 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنى جەملەش جەدۋىلىنى توردا ئېلان قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەدۋىلىنى توردا ئېلان قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، جايلارنىڭ مەركەز چىقارغان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئايلىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنستىرلىقى 10-ئايدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدىكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 14 مىڭ 839ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 16 مىڭ 699 ئادەمگە چارە كۆرۈلگەن، 3721 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن. (مۇخبىر جياڭ جيې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر