باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى(2)

2013.11.20 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برازىلىيە جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئاننا ياگۇارىبى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 1978-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىزچىل ئىزچىل يولغا قويغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا غايەت زور ھاياتى كۈچ بەخش ئەتتى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئىسلاھاتقا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق رىياللىققا ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىشىنىمەن.

  جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلاھاتنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بار.

  جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مىنىستىرى پاخاد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى نامايان قىلىندى، 35 يىللىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونى مول مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلاھاتنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسى بار. ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ، چوڭقۇر ھەمكارلىقى بار، جۇڭگو ئارزۇسى ئافرىقىنىڭ ئارزۇسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئۇ: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياگۇب بېرگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، ئۇ كەلگۈسى ئون يىللىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بېكىتىپ بەردى. ئىسلاھات جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ باش ماتورى، خۇددى جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئېلىپ كەلگەن تەسىر ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنگە ئوخشاش، پەقەت ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن ماڭغاندىلا، جۇڭگو تەرەققىيات يولىدىكى مۈشكۈلاتلارنى يېڭەلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر