باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئارام ئىشخانىسى دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەشنىڭ 3 خىل لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن يەنە پىكىر ئالدى

2013.11.28 00:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرىنچى لايىھە: چاغاندا 3 كۈن دەم ئېلىش،ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى تەڭشەپ 7 كۈن قويۇپ بېرىش. دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە 3 كۈن دەم ئېلىش، دەم ئېلىشنى تەڭشىمەسلىك، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلسە دەم ئېلىشنى ئۇزارتىش. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا 1 كۈندىن دەم ئېلىش، دەم ئېلىشنى تەڭشىمەسلىك، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلسە، دۈشەنبە كۈنى 1 كۈن تولۇقلاپ دەم ئېلىش.

  ئىككىنچى لايىھە: چاغاندا 3 كۈن دەم ئېلىش، ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبىنى تەڭشەپ 7 كۈن قويۇپ بېرىش. دۆلەت بايرىمىدا 3 كۈن دەم ئېلىش،ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبىنى تەڭشەپ 5 كۈن قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىش كۈنىنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە مۇقىملاشتۇرۇش. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا 1 كۈندىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، بايرام كۈنلىرى چارشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشىمەسلىك، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش. سەيشەنبە، پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى تەڭشەپ 3 كۈن قويۇپ بېرىش؛ شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە دۈشەنبە كۈنى 1 كۈن قوشۇپ دەم ئېلىش.

  ئۈچىنچى لايىھە: چاغاندا 3 كۈن دەم ئېلىش، ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى تەڭشەپ 7 كۈن قويۇپ بېرىش. دۆلەت بايرىمىدا 3 كۈن دەم ئېلىش، ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى تەڭشەپ 7 كۈن قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىش كۈنىنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە مۇقىملاشتۇرۇش. يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنىدا 1 كۈندىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، بايرام كۈنلىرى چارشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە دەم ئېلىشنى تەڭشىمەسلىك، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش؛ سەيشەنبە، پەيشەنبىگە توغرا كەلسە، ئالدى-كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى تەڭشەپ 3 كۈن قويۇپ بېرىش؛ شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە دۈشەنبە كۈنى 1 كۈن قوشۇپ دەم ئېلىش. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر