باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىم-ھۆكۈملىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن توردا ئاشكارىلىنىدۇ

2013.11.29 19:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شېنجېندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈچ سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكرى» ۋە«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كېسىم-ھۆكۈم ھۆججەتلىرىنى ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىشىغا دائىر بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى ۋە «پىكىر»نىڭ ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، «بەلگىلىمە»نىڭ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنگۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، «بەلگىلىمە»دە 4 خىل ئەھۋالدىن باشقا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىم-ھۆكۈم ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توردا ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى. توردا ئېلان قىلىنىدىغان ھۆججەت پىرىنسىپ بويىچە ئۆزگەرتىلمەسلىكى، ئالماشتۇرۇلماسلىقى ۋە ئۆچۈرۈلمەسلىكى كېرەك. جۇڭگو كېسىم-ھۆكۈم ھۆججەتلىرى تورىھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆججەتنى ئاشكارا ئېلان قىلىدىغان بىرلىككە كەلگەن سۇپا قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر