باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند تۆۋەن پالاتاسى يىڭلاكنىڭ ئىشەنچ بىلدۈرۈش لايىھەسىنى رەت قىلدى

2013.11.29 19:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر باڭكوكتىن بەرگەن خەۋىرى: تايلاند دۆلەت مەجلىسى تۆۋەن پالاتاسى 28-چېسلا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭلى يىڭلاك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى چادلۇپېڭغا قاراتقان ئىشەنچ بىلدۈرمەسلىك لايىھەسىنى رەت قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىڭلاك سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق داۋام قىلغان سىياسىي كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، دېدى.

  تۆۋەن پالاتا ئىشەنچ بىلدۈرمەسلىك لايىھەسىگە قارىتا يىڭلاك ھۆكۈمىتى كۆز بوياش، پارىخورلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندىمۇ-يوق دېگەن كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىككى كۈن كەسكىن مۇنازىرە قىلدى. 28-چېسلادىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زۇڭلى يىڭلاك 297 ئىشەنچ بىلدۈرۈش ئاۋازىغا، 134 ئىشەنچ بىلدۈرمەسلىك ئاۋازىغا ئېرىشكەن؛ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چادلۇپېڭ 296 ئىشەنچ بىلدۈرۈش ئاۋازىغا، 135 ئىشەنچ بىلدۈرمەسلىك ئاۋازىغا ئېرىشكەن. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىڭلاكقا قارىتىلغان ئىشەنچ بىلدۈرمەسلىك لايىھەسى ماقۇللانماي، مەغلۇب بولغان. كاسىكورىن بانكىسى ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇتەخەسسىسى مۇخبىرغا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى تايلاند پارتىيەسى تۆۋەن پالاتادا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن، يىڭلاكنىڭ «غەلىبە قىلىشى» پەرەز باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، دېگەن. (خەن شو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر