باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.12 يۈەن ئۆستۈرۈلدى

2013.11.29 19:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 28-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسىنى160 يۈەن، ھەر توننا دېزىلنىڭ باھاسىنى155 يۈەن ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى. پارچە سېتىش باھاسىغا سۇندۇرغاندا، 90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.12 يۈەن، 0-نومۇرلق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.13 يۈەن ئۆسكەن بولىدۇ. تەڭشەلگەن باھا11-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، قىشتا ماي ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارابازاردىكى نېفىت باھاسىدا تەۋرىنىش يۈز بەردى، ئۆتكەن 10 خىزمەت كۈنىدە ئوتتۇرىچە باھائۆرلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە تەييار ماي باھاسى 14 قېتىم تەڭشەلدى، بۇ قېتىمقىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 7-قېتىملىق ئۆستۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. (جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر