باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى بىر ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئەگرى توقاي تارىخى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ بۆسۈش خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى(1)

2013.11.28 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولدى، بىراق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاسانغا چۈشمىدى، يېقىندا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىدە تارىخى خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۇنجى قەدەم تاشلاندى.} 24-نويابىر، شۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە بىر تۈرلۈك تارىخى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى بەس-بەستە قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاراتقۇلار ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىران ئوران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۆزىگە قارىتىلغان 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى جازانى بىكار قىلىشقا قوشۇلدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلدى، ئون يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇزاق مۇددەت، جاپالىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، كۆپلىگەن دىپلوماتىيە جەھەتتىن ياراشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىش يولىدا تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

  تۆت كۈن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 24-نويابىر، ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك باسقۇچ خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىران گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، جەنۋەدە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئىلىپ بېرىپ، ئاخىرى ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ كېلىشىمىگە تارىخى خاراكتېرلىك بۆسۈپ ئۆتۈش دەپ باھا بېرىلدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەسلىدە 22-نويابىر ئاخىرلىشاتتى، بىراق ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكتىن، ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى ئۇزارتىشنى، دىپلوماتىيە جەھەتتە ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 24-نويابىر ئەتىگەندە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتوننىڭ باياناتچىسى مىچال مانىن، ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ باسقۇچ خاراكتېرلىك كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى، ئىرانغا ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئىقتىسادى جازا تۈرىدە كەڭ بولۇش، ئەگەر كېلىشىم يولغا قويۇلىدىغان بولسا، ئالتە ئاي ئىچىدە ئىرانغا قارىتا يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللانماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئامېرىكا ئاق سارىيى مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىمدە، ئىران سېنترىفۇگنى يېڭىدىن كۆپەيتمەيدىغانلىقى، بىكار قىلىنغانلىرىنى ئوران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئالتە ئاي ئىچىدە %20 گە يېقىن ئوران قويۇلدۇرۇش بويىچە ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش دەرىجىسىنى %5 تۆۋەنلىتىش، ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورى قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرىغا ئوران قويۇلدۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئۇلارنىڭ ناتانىز ئوران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى بىلەن فوردوۋ يادرو ئەسلىھەلىرىگە كىرىشىگە يول قويۇشى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر