باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

«تويغىنىنى بىلمەيدىغان» ئەنگىلىيەلىك بالا

2013.11.20 14:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 18-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيەدىكى GeezerBuxton ئىسىملىك ئىككى ياشلىق بىر بالا ئاز كۆرۈلىدىغان گېن كەمتۈكلۈك خاراكتېرلىك كېسەللىك − ۋىللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Prader-Willi syndrome) گە گىرىپتار بولغان ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار يەپ تويغان-تويمىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدىكەن . بۇ بالا تويغىنىنى بىلمەي زىيادە يەپ-ئىچىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئادەتتە ئالتە ياشتىن بۇرۇن بولۇشىغا يەپ-ئىچىشنى باشلايدىكەن ھەم بەدىنى ۋە ئەقلىي كۈچىنىڭ يېتىلىشىمۇ ئاستىلاپ كېتىدىكەن ، ئۆگىنىشى قىيىنلىشىدىكەن . ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان ھەر 15 مىڭ بالىنىڭ ئىچىدىكى بىرى مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن.

  گېزىرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەۋېتىپتۇ ، چۈنكى ئۇ بۇندىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، بولۇشىغا يەپ-ئىچىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ ھازىر ئەنگىلىيەدىكى پۇدا ۋىللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى مەركىزىدە داۋالىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر