باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 15 تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىسىگە ئۇنۋان بېرىلدى

2013.11.28 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يەنلى، ما شىنلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك تور جامائەت پىكرىنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانى ئۈرۈمچى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ يۈجېن 20 – نويابىر، شىنجاڭدىكى 15 تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ كەسپىي تېخنىكا گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، ئۇلار بۇ گۈللەنمە كەسىپنىڭ شىنجاڭدىكى باشلامچىلىرى، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىسى ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىش، جامائەت پىكرىنى تەھلىل قىلىش، جامائەت پىكرى مۇھىتىنى تەتقىق قىلىش، تورغا ئالاقىدار قىيىن مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغانلارنى كۆرسىتىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىنىدا بۇ گۈللەنمە كەسىپنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش تەرتىپىگە رەسمىي كىرگۈزگەن. بۇ، ئىش ئورنىغا كىنىشكا بىلەن چىقىشتىكى ئاساس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى سىياسىي خىزمەت 3 – بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېڭ زېخۇ تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىسى كەسپىي تېخنىكا گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: تور جامائەت پىكرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاشكارا، ئېنىق، تېز، ئۆلچەملىك بولۇش خىزمەت ئۇسۇلى بويىچە، گېزىت – ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇ ۋە ئالاقە تورى ۋەكىللىكىدىكى گۈللەنمە تاراتقۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىستىن چەتنىمەي، جامائەت پىكرىگە ئېتىبار بېرىپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، تور نازارەتچىلىكىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش كېرەك.

  ۋۇ يۈجېن مۇنداق دېدى: جامائەت پىكرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كەسىپ بولۇپ شەكىللەندى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا جامائەت پىكرى كەسىپكارلىرى خېلى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كېرەك.

  تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىلىرىنى تەربىيەلەشتە، تەربىيەلىنىدىغان خادىملار جامائەت پىكرى نەزەرىيەسى، قانۇن – نىزام قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلىنىپ، ئۇلارنىڭ جامائەت پىكرىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 100دىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەشكە تىزىملاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر