باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى

2013.11.05 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەت بويىچە 2 – نۆۋەتلىك مائارىپ تور بېكەتلىرىنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى››نىڭ ئۆز نامىدىكى تور بېكىتى ‹‹ئۆلكە دەرىجىلىك ئون ياخشى مائارىپ تور بېكىتى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت بويىچە 2 – نۆۋەتلىك مائارىپ تور بېكەتلىرىنى باھالاش پائالىيىتىگە 1300 دىن ئارتۇق ئورۇن مەدەت بەرگەن ۋە قاتناشقان. باھالاش نەتىجىسىدە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك ئون ياخشى مائارىپ تور بېكىتى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك ئون مۇنەۋۋەر مائارىپ ئۇچۇرى ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ 50 ياخشى مائارىپ تور بېكىتى ۋە 50 مۇنەۋۋەر مائارىپ تور بېكىتى، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك 100 ياخشى مائارىپ تور بېكىتى ۋە 100 مۇنەۋۋەر مائارىپ تور بېكىتى باھالانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سانجى ئوبلاستلىق مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مائارىپ تور بېكىتى، كۈيتۇن مائارىپ ئۇچۇرى تور بېكىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ تور بېكىتى ناھىيە دەرىجىلىك 100 ياخشى مائارىپ تور بېكىتى بولۇپ باھالانغان. يۇقىرىدىكى باھالانغان تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاساسلىق كەسپىي باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ‹‹مەملىكەت بويىچە مائارىپ تور بېكەتلىرى بويىچە ئىلغار خىزمەتچى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

  بۇ قېتىمقى مائارىپ تور بېكىتىنى باھالاش تور بېكەتلىرىنىڭ ئىستون مەزمۇنى، ئىپادىلەش شەكلى، ئايلىنىشى، باشقۇرۇلۇشى ۋە تور بېكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر