باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)

2013.11.06 15:55   مەنبە: خەلق تورى

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)

  ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ چىرايلىق قىزى گۈلنارە.

  تەيۋەندە چىقىدىغان «جۇڭگو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تولا ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن كىنولاردىكىدەك ۋەقە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەردى. 75 ياشلىق مۇستەبىت ئىسلام كەرىموفنىڭ چوڭ قىزى «تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىم» بەرھەق دەپ ئويلاپ يۈرگەندە، مەخپىي ساقچىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. يېرىم يالىڭاچ سۈرەت بىلەن خىيانەتچىلىك جىنايى ئىسپاتلىرى قاچىلانغان ئارخىپنى كۆرگەن كەرىموف ئاچچىقىغا پايلىماي كۈلدان بىلەن يانفونىنى يەرگە چۆرۈۋەتتى، قىزىنى چاقىرىپ راسا تىللىغاندىن كېيىن يىغلاپ كەتتى. غەرب دۆلەتلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق تالىشىشنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق دەپ دىققەت قىلماقتا.

  كەرىموف ئۆزبېكىستاندا ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگىلى 23 يىل بولغان بولسىمۇ، ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇۋېلىۋاتىدۇ، چېكىنىشىدىن ھېچبىر دېرەك يوق، قارىغاندا ھوقۇق ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالىدىغان خانىدانلىق بەرپا قىلماقچىدەك تۇرىدۇ. «ئۆزبېكىستان مەلىكىسى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان گۈلنارە كۆپكە قادىر «ۋارىس مەلىكە»لىك ئوبرازىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ دەپ قارالغانىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
      ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى 
      ·«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى
      ·«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغ…
      ·ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تۆت تارماق 24 –ئۆكتەبىر قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز…
      ·جۇڭگو-ئامېرىكا ساقچىلىرى كۆپ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بالىلار سېرىق تور بېكەتلىرىنى بىتچىت قىلدى
      ·بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا  مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى