باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گېن تەكشۈرۈش تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگۈزۈلدى

2013.11.28 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ جىچۈن خەۋەر قىلىدۇ: گېن تەكشۈرۈش تۈرىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگۈزۈش مۇراسىمى 24 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرنى شىنجاڭ سىخۇي ساغلاملىق مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭ چىكاڭتەي (جۇڭگو) بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

  گېن تەكشۈرۈش قان ۋە باشقا خىلىتلار شۇنداقلا ھۈجەيرىدىكى DNA نى تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى. ئۇ ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن پەرقلىنىدۇ، كىشىلەر تېخى ئاغرىمىغان ئەھۋالدا، گېننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم نىشانلىق ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزگىلى بولىدۇ. ئۇ قولايلىق، ۋاقتى قىسقا، توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھازىر بۇ تۈر دۆلىتىمىزدە نەچچە چوڭ شەھەردىلا يولغا قويۇلغان.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ‹‹ئومۇمىي خەلق گېن، ساغلاملىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى››، ‹‹جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىق، گېن ئىجتىمائىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى››نى كەينى – كەينىدىن يولغا قويغاندىن كېيىن، گېن تەكشۈرۈش بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تېز ئومۇملاشتى. ھازىر بىيو تېخنىكىلىق بەدەن تەكشۈرتۈش، ئىلمىي كۈتۈنۈش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. شۇ كۈنى سىخۇي ساغلاملىق مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ گېن تەكشۈرۈش تۈرىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلدى، بۇ مەركەز گېن تەكشۈرتكۈچىلەر ئۈچۈن يەنە يانداش ساغلاملىق مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىمۇ يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر