باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو ‐‐ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

2013.11.27 23:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇخارېستتا جۇڭگو‐‐ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان باشلىقلار كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىنلېي فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بۇخارېستتىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇخارېستتا جۇڭگو‐‐ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. يىغىنغا لى كېچياڭ بىلەن رۇمىنىيە زۇڭلىسى پۇنتا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى جۇڭگو ‐‐ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى ۋە كەلگۈسى ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئەنئەنىۋى چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە، مەنپەئەت توقۇنىشىمۇ يوق، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپانىڭ ئاشكارا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىمۇ ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. (ۋۇ لېجۈن، سۈن تيەنرېن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر