باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ب د ت غا خەت يېزىپ تېررورلۇق ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

2013.11.27 16:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دەمەشق، 25 – نويابىر تېلېگراممىسى. سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ب د ت باش كاتىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىگە خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: سۇرىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ ئامما تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېررورلۇق سۇرىيەدىكى باشقا دىندىكىلەرگە تەھدىت سالماقتا.

  خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئۆتكەن ئۈچ ئايدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سىستېمىلىق ھالدا رايون ئىچىگە، بولۇپمۇ سۇرىيەدىكى خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرىغا زەربە بېرىپ، مىناميۇت بىلەن دەمەشق ۋە ئالېپپودىكى خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى توپقا تۇتتى. تېررورچىلار ھەر كۈنى بۇ رايوندىكى ئاھالىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى بۇ جايدىن كېتىشكە مەجبۇرلىماقتا.

  خەتتە سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ‹‹ھەيران قالغانلىقى››نى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بەزى دۆلەتلەر سۇرىيە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، لېكىن ئۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تىرانسپورت، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر