باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

2013.11.20 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو چەت يىراق رايونلارغا ئوقۇتقۇچىلار بارماسلىق، ئۇلارنى تۇتۇپ قالالماسلىق قېيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتلىشىپ خىزمەت ئۆتەش، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مائارىپ مىنستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنستىرلىقى، مالىيە مىنستىرلىقى 9-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قېيىنلىقى بار رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى يېزا كەنت مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش قارار قىلىنغان. تۇرمۇش تولۇقلىمىسى- يېزا ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئورنىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما بولۇپ، بەش خىل سۇغۇرتا، كۈتۈنۈش پۇلى، ۋە پىنسىيە ھەققىنى ھىسابلاشتا ئاساس قىلىنمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتىكى ۋاقتىدا بەھرىمان بولىدۇ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېزا ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇش تولۇقلىمىسىغا كېرەكلىك مەبلەغنى يەرلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدىكەن، مەركەز ئۇنىۋېرسال مۇكاپات مەبلىغى ئاجرىتىدىكەن. يەرلىك يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرمۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەسئۇل ئاساسى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرمۇش تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن. كونكىرىت يولغا قويۇش ۋاقتى، تولۇقلىما دائىرىسى ۋە ئوبيىكتى، تولۇقلىما ئۆلچىمى، مەبلەغ مەنبىي قاتارلىقلارنى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدىكەن. كېلەر قەدەمدە مائارىپ مىنستىرلىقى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى تەشكىللىك يولغا قويۇش، مۇكاپات مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

  مەلۇماتقا قارىغاندا جۇڭگودىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغۇچى 100مىليوندىن كۆپ، ئوقۇتقۇچى 6مىليۇن 200مىڭ بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %70نى ئىگىلەيدىكەن. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزىلاردا، ئاچقۇچى-ئوقۇتقۇچىلاردا. ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شەھەر يېزىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تەڭشى بولمىغانلىقتىن، يىراق چەت نامرات رايونلارنىڭ شارائىتى جاپالىق بولغاچقا مۇنەۋەر ئىقتىساسلىقلارنى بۇ يەردە ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىقا جەلىپ قىلىش تەس بولۇپ كەلگەنىدى.

  تەلەپكە ئاسەسەن، كېلەر يىلدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ھەر يىلى 31-مارتتىن بۇرۇن ئۆز ئۆلكىسىدىكى تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى مالىيە مىنستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنستىرلىقىغا سۈنىدۇ، ئىككى تارماق جايلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، يىلمۇ-يىل ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتلاش ئومومىي سوممىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

  شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ تەدىرىجىي كېڭىيىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى بولوپمۇ تۇتاش كەتكەن رايونلاردىكى يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى شەھەر بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگودا 699ناھىيە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن، بۇنىڭدىن بىر مىليۇن 200مىڭ ئادەم نەپكە ئېرىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر