- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.11.22 16:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
لالە خېلىلنىڭ 19 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلىدىغان 2013 – يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 23 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە 2013 – يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ‹‹سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قازىنىشقا ھەمدەم بولۇش››نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋە پۈتكۈزىدىغانلار، 2013 – يىلىدىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى توشقانلار شۇنداقلا، پىراكتىكا ۋاقتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايون جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىن تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار، قىز ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ‹‹بىرگە بىر›› ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىۋېلىپ ئاندىن خىزمەت تاللاش، ئالدى بىلەن پىراكتىكا قىلىپ، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئالدى بىلەن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسى بويىچە يېتەكلەيدىكەن.
ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچىلار يەنە جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى (http://www.chrm gov.cn)، مەملىكەتلىك ئاممىۋى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.cjob.gov.cn)، جۇڭگو خەلقئارا ئىختىساسلىقلار تورى (http://www.newjobs.com.cn)غا چىقىپ، توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلانسا بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇچۇر، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بېرىش، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەردىن بەھرىلەندۈرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر