خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-نويابىر كەچ، شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى كوماندا قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ماسلىشىش مەشقى ئېلىپ باردى، يارىلانغانلىقتىن تاڭ جېڭدوڭ ئاۋۋالقىدەكلا مەشق مەيدانىغا كەلمىدى، ئالدىنقى قېتىم قاتتىق قىزىپ قالغان سۇ ۋېي پۈتۈن كوماندىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشقىگە قاتناشتى، بەلكىم بۇ كەچتىكى مۇسابىقىگىمۇ قاتنىشىشى مۇمكىن.