باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

12 بارماقلىق خەت بېسىش ماھىرى ئەنگلىيەگە خىزمەت ئىزدەپ كەلدى(1)

2013.11.20 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستانلىق 48 ياشلىق ئەر ۋىجاي.سىگىھ (Vijay Singh) تۇغما كۆپ بارماق غەيرىي كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇتى ۋە قوللىرىنىڭ ھەممىسىدە 12 بارمىقى بار ئىكەن. كۆپ بارماقنىڭ ئۆسۈپ چىقىشى ئۇنىڭغا كومپيۇتېردا خەت ئۇرۇشتا تېز بولۇشتەك تۇغما تالانت ئاتا قىلغان، بىراق ۋىجاي ھەر قېتىم خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەندە، ھەمىشە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەنگلىيەگە كېلىپ خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.

  ھىندىستاندا، كۆپ بارماق ئۆسۈپ چىقىشنى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن دەپ قارىغان. ئادەتتە كۆپ بارماق چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پەقەت يۇمشاق توقۇلمىلار بار بولۇپ، سۆڭەك بولمايدىكەن، شۇڭلاشقا باشقا بارماقلارغا ئوخشاش نورمال خىزمەت قىلالمايدىكەن. بىراق ۋىجاي بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ 12 بارماقلىرى بىرلا ۋاقىتتا نورمال «ھەرىكەت» قىلالايدۇ، ھەمدە مىنۇتىغا 100 خەت ئۇرالايدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ تالانتى خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ھەمدە 50 نەچچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر