باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

2013.11.08 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش يېقىندا باشلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: نۆۋەتتە، 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەت ۋە ئۇچۇرلارنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئالدىنقى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كېلەر يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك كېمەيتىلدى، قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرمۇ مۇناسىپ ئازايتىلدى.بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر،تيەنجىن، چۇڭچىڭ، خېيلۇڭجياڭ، شەنشى، جياڭسۇ، خەينەن، سەنشى، يۈننەن، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق10 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى رەسمىي ئېلان قىلمىدى.

  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇۋاتقان نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئازايتىش سىياسىتىگە يۈزلىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئوچۇرشۇناسلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋە بىر قىسىم پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ كاپالەتلىك قوبۇللىنىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر 20 دىن ئاشمايدۇ؛ مەملىكەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلكە مۇسابىقە رايونلىرىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرنىڭ كاپالەتلىكقوبۇللىنىش ۋە نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ تەنتەربىيەدە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 8 تۈر بەلگىلەپ بېرىلىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)لەر تاللىغان تۈر2دىن ئاشمايدۇ، قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر 20دىن ئاشمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)لەردىن يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى سىستېمىلىق تازىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوللاپ قايتا ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولماقچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئىلتىماس قىلغان، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، ئۆلكە، جايلار ۋە مەكتەپتە 3 دەرىجە بويىچە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر