ئەڭ قىممەت يۇڭ پايپاق
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، گېرمانىيەدىكى پايپاق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان FALKE شىركىتى بۇ يىل روژدېستۋو بايرىمى ئالدىدا پۇلدارلارنىڭ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ، قىممىتى 726 پۇند (تەخمىنەن 7000 يۈەن) قا يېتىدىغان ، پېرۇ قويتۆگىسى يۇڭىدىن ئىشلەنگەن 10 جۈپ پايپاقنى بازارغا سالغان .